•   سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمىتى  ھەم خۇشاللىق ھەم ناھايىتى جاپالىق خىزمەت . بۈگۈن گەرچە تۆت سائەت دەرىس ئۈتۈپ ، بىر سائەت سىنىپ يىغىنى ئېچىپ ناھايىتى چارچىغان بولساممۇ ، لىكىن يەنىلا خۇشالمەن . 
            بۈگۈن مەكتەپتە توك توختاپ قالغاچقا ياتاقتا ياتىدىغان ئۇقۇغۇچىلار شام يېقىپ ئۈگىنىش قىلدى. پۈتۈن سىنىپقا ئون نەچچە دانە شام يېقىۋېتىلگەن ، شام پۇرۇقى بۇرۇنلارنى ئېچىشتورسىمۇ ، ئەمما كىشىگە بىر خىل يېڭىچە ، ئۆزگىچە تۇيغۇ بىرىدۇ . سىنىپ ئىچى تىپتىنىچ ، مەن ئۇقۇغۇچۇلىرىم بىلەن بىرلىكتە بىردەم كىتاپ كۆرۈپ ئولتۇردۇم .
             كەچلىك مۇزاكىرىدىن چۈشكەندىن كىيىن توكمۇ كەلدى ، سىنىپمغا قارىسام مىنىڭ سىنىپمدىكى بىرقانچە ئۇقۇغۇچى بىرلىكتە بىرىلىپ ئۈگىنىش قىلىۋېتىپتۇ ، بۇنى كۆرۈپ كۆڭلۈم كۆتۈرلۈپ قالدى .ئۇلارنىڭ بۇخىل ئۈگىنىش قىزغىنلىقى كىشىگە تارتتىۋاتقان جاپايىڭىزنىڭ زايا كەتمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ تۇراتتى .

باشقۇرۇشقا كىرىش